-
2011-04-26
تۇرانىم بلوگى wordpress كە كۆچتى

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دوستلار بىلەن بىرگە ھەمدەمدە بولۇپ ھەمكارلىشىپ دوست بولۇپ blogbus يىزىپ كەپتىمەن ، ئەمدى كۈنلەر ئۈتۈپ ئايلار ئۈتۈپ blogbus بىلەن خېلى ئاغىنە بۇلۇپ ئېپ - تېپىنى بىلگىدەك بولغاندا ، بۇ ئاغىنىمىزدىنمۇ ئايرلىدىغان بولدۇق ، blogbus بۇرۇن خېلى ياخشى ئىدى ، لېكىن يېقىندىن بۇيان مۇلازىمترىدنى تۇلا چاتاق چىقىپ بەزىدە رەسىىم كۆرىنمەي ، بەزىدە يازما يوللىغىلى بولماي دىگەندەك تۇلا چاتاق چىقىپ مېنى ۋاي داد دىگۈزۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ wordpress كۆچۈش خىيالىم بولغان بولسىمۇ بۇ توغىرسىدىكى بىلىدىغانلىرىم ئاز بولغاچقا بىر نەچچە قېتىم سىناق قىلىپ مەغلۇب بولدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل تاشلاپ قويدۇم ، لېكىن blogbus تا چاتاق چىقىۋەرگەنسىرى wordpress كە كۆچۈش خىيالىممۇ شۇنچە كۈچۈيۈپ باردى ، شۇنىڭ بىلەن بىلىمنى چۈمۈلىدىك چىڭ باغلاپ يا بايدىن چىقارمەن يا سايرامدىن دەپ تور بەتلەردىن wordpress توغۇرلۇق ماتىرياللارنى ئىزدەپ تېپىپ يۈرۈپ دىگۈدەك ئاخىرى wordpress كە ئوڭۇشلۇق ھالدا كۆچىۋالدىم ، لېكىن مەن يېڭىياچى بولغاچقا بلوگىمنى دىگەندەك ياخشى تەڭشەپ بۇلالمىدىم ، دوستلارنى ئەيىپكە بۇيرىماسىلىغىنى ئۈمۈت قىلىمەن ، كۆچۈش جەريانىدا ماڭا تور نامى ۋە بوشلۇق تەۋىسىيە قىلغان ئۇيغۇر بەگگە ۋە ئۇسۇلۇپ تەمىنلىگەن بىلىكيارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن.
بلوگىمىزنىڭ يېڭى ئادىرسى : http://www.turanim.com ، بۇ ئادىرىستىن يېڭى بلوگىمىزنى زىيارەت قىلىڭ !

ئەسكەرتىش : بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بلوگ يېڭىلانمايدۇ ھەم ئىنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرلمايدۇ .
بلوگىمىز داۋاملىق ھالدا يېڭى ۋە نادىر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ ، كەڭ كىنوخۇمار دوسىتلارنىڭ
خۇمارىنى بېسىشقا تىرىشىدۇ !

يېڭى بلوگىمىز سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ !






